جەنۇبى كورېيە: «شىمال بىلەن كېلىشىم تۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنمەسلىكى كېرەك»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.05.02

بۈگۈن جەنۇبى كورېيە پرېزىدېنتى مون جېيئىننىڭ باياناتچىسى، «جەنۇب بىلەن شىمال ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان تەقدىردىمۇ جەنۇبى كورېيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىن ئايرىلماسلىقى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان.

رويتېرۇس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت مون جېيئىننىڭ مەسلىھەتچىسى ئالدىنقى كۈنلەردە بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، شىمال بىلەن جەنۇب ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوقايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مۇخبىرلارنىڭ بۇ ماقالىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن باياناتچى كىم ئېييۇم، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى داۋاملىق مەۋجۇدىيىتىنىڭ زۆرۈرلۈكىگە خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتنى ئىشارەت قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە «ئامېرىكا بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز، شۇڭا شىمال بىلەن كېلىشىم تۈزۈلگەندىن كېيىنمۇ بىزنىڭ خىتاي ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئامېرىكا يەنىلا ياراشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينىشى كېرەك،» دېگەن.

شىمالىي كورېيە يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ يادروسىزلىشىشىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئارالدىن چېكىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. ئەمما ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئىككى تەرەپ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تارىخىي ئۇچرىشىشى ۋە قوشما باياناتىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئامېرىكىنىڭ 28500 كىشىلىك رېنتگېن مەۋجۇت ئىكەن. بۇ مەۋجۇتلۇق كورېيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان 1953‏-يىلىدىن باشلاپ داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.