دۈشەنبە كۈنى يەنە 2 تىبەت ئۆزىگە ئوت قويدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.03.17

چەتئەلدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ سىچۈەن ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىكى تىبەتلەر ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا يەنە ئىككى تىبەت راھىبى ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

لوبساڭ پالدېن ئىسىملىك بۇ يىل 20 ياشلىق بىر تىبەت راھىبى سىچۈەننىڭ ئابا ناھىيىسى «قەھرىمانلار كوچىسى»دا ئۆزىگە ئوت قويغان. لېكىن ئوت قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ساقچىلار نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ، لوبساڭ پالدېننى ئېلىپ كەتكەن ۋە بۇ رايوندا دەرھال ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.

ئوخشاشلا شۇ كۈنى، چىڭخەينىڭ خۇاڭنەن تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدا يەنە بىر راھىب ئۆزىگە ئوت قويغان. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، بۇ راھىبنىڭ شادېرى ئىبادەتخانىسىغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىسمى ۋە ياش قۇرامىنى تىلغا ئالمىغان. چەتئەل تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 2009‏-يىلدىن بۇيان ئاز دېگەندە 120 تىبەت پۇقراسى ياكى تىبەت راھىبى ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، لوبساڭ پالدېن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 2008‏-يىلى 16‏-مارت ئابا ناھىيىسىدە نامايىش قىلغان تىبەتلەرگە ئوق چىقىرىپ، بىر قانچە كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دەل شۇ كۈنى ئۆزىگە ئوت قويغان. خىتاي، تىبەت روھانىي رەھبىرى دالاي لامانى ئۆزىگە ئوت قويۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق دالاي لاما بۇ ۋەقەلەرنى تىبەتلەردىكى ئۈمىدسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇنى توختىتىشقا قۇدرىتى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.