ئۇيغۇر دىيارىدا ئاخباراتنى قاتتىق قامال قىلىش، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە داۋاملىق زەربە بېرىش تەكىتلەنگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-01-18
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە داۋاملىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى»، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق خىتايدىكى ھۆكۈمەت گېزىتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 16 سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى چاقىرىپ، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا سىياسىي ئىدىيە ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش، ئاخبارات ۋە تور تاراتقۇلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش شۇنداقلا «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى قېزىپ چىقىرىش ئارقىلىق ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەكىتلىگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يىغىنغا قاتناشقان جۇ خەيلۇن قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى سۆزىدە «بارلىق ساھەلەردىكى يامان نىيەتلىك ئىدىيەلەرنى تازىلاش ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى داۋاملىق قېزىپ چىقىپ، زەھەرلىك ئوت، زەھەرلىك ئۆسمىلەرنى قەتئىي تازىلاش،»  دېگەن ئىبارىلەرنى قوللانغان.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شيوڭ كۈنشۈن ئىسىملىك بىر خىتاي پروفېسسورىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «‹ئىككى يۈزلىمىچى› لەرنىڭ ئاغزىدا سوتسىيالىزم دەپ قويۇپ، كۆڭلىدە يوشۇرۇنچە بۆلگۈنچىلىكنى ياقلايدىغان ۋە ھەتتا ئۇنى قوللايدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشتە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئاخبارات-تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئىنتېرنېت تورىنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدا نۆۋەتتە ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا «ئوۋ نىشانى» غا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، 2018-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت