ئاقتۇ ناھىيەسى مائارىپ ساھەسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى پاش قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-05-02
Share

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ئۇقتۇرۇشتا بايان قىلىنىشىچە، دائىرىلەر مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا دەرسنى خىتايچە سۆزلىمىگەنلەرنى پاش قىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

«مائارىپ سېپىدىكى ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى قەتئىي قېزىپ چىقىرايلى» ناملىق مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئاقتۇ ناھىيەلىك پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان. ئۇقتۇرۇشتا مائارىپ سېپىدىكى ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەر ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا چاقىرىلغان ۋە ئۇنداق بولمىغاندا ئېغىر جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى بىلىپ تۇرۇپ پاش قىلمىغانلارنىڭمۇ جازالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا ئادەم توپلاش دولقۇنىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىماقتا. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى زۈمرەت خانىم، دەرسنى خىتايچە سۆزلىمىگەن ئوقۇتقۇچىلارنى جازالاش ھەققىدىكى بۇ ئۇقتۇرۇشنى «ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش ‹قوش تىللىق مائارىپ› نىڭ ماھىيەتتە خىتايلاشتۇرۇش مائارىپى ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى،» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئالدىنقى ھەپتىدىكى بىر باياناتىدا ئۇيغۇر رايونىدا «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىغىمۇ كۆز يۇمۇۋالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت