خوتەن ۋالىيسى ئەزىز مۇسا 2-پارچە «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە ئېنىقلىما بەرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-05-08
Share

خوتەن ۋالىيسى ئەزىز مۇسا ئۆتكەندە ئېلان قىلغان بىرىنچى پارچە «ئوچۇق خېتى» دە خىتاي تارىخنامىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «ھون ياكى تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس، بەلكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى» نى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

ئۇ ئۆزى بىر مەمۇرىي ئەمەلدار بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تارىخچىسى ياكى ئوردا ئىنسانشۇناسى مۇقامىدا سۆز قىلىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا خەنزۇلارنىڭ شۇنداقلا خەنزۇلارنىڭ قېنىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قان تەركىبلىرى مەۋجۇت،» دېگەن.

ئۇ ئالدىنقى كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» دا ئىككىنچى پارچە «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە ئېنىقلىما بەرگەن.

ئۇ ئىككىنچى پارچە ئوچۇق خېتىدە «ئەتراپىمىزدىكى ‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر› زادى كىملەر»، دەپ سوئال قويۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن: «بىرىنچى، ئىدىيە جەھەتتە دىنىي ئەسەبىيلەر بىلەن بىر ئېقىمدا ماڭغانلار؛ ئىككىنچى، سىياسىي جەھەتتە ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەيدىغان يۇمىلاق تاۋۇزلار؛ ئۈچىنچى، سەھنىدە كەسكىن بولۇپ، سەھنىدىن چۈشكەندە پوزىتسىيەسى ئېنىق بولمايدىغانلار؛ تۆتىنچى، ئاغزىدا پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇپ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلايدىغانلار؛ بەشىنچى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بەرگەندە پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن دەيدىغان، ھالقىلىق پەيتتە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار.»

ئۇ «ئوچۇق خەت» نىڭ ئاخىرىدا: «‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر› نىڭ ئەپتى-بەشىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، ‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر› نى ‹كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قاپتۇ› دېگەن ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىش كېرەك،» دەپ يازغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خوتەن ۋالىيسى ئەزىز مۇسانىڭ ئىككى پارچە «ئوچۇق خېتى» نى ئۇيغۇر كادىرلار ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان «ئوچۇق خەت» لەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىي «ئوچۇق خەت» دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت