بورتالادا «ئىككى يۈزلىمىلىك» نى پاش قىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلدى
2017.10.24
تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر «ئىككى يۈزلىمىلىك» قىلغان، دېگەن ئەيىبلەش سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇۋاتقان ياكى قاماق جازالىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ سانى بىلەن ئېشىپ ماڭماقتا ئىكەن.
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يېقىندا تارقاتقان 22-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇش دەل مۇشۇ خىلدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى پاش قىلىش مەزمۇنىدا ئىكەن.
ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوبلاست تەۋەسىدىكى ھەرقانداق كىشى «ئىككى يۈزلىمىلىك» كە مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلارنى پاش قىلىشى ياكى بۇ ھەقتىكى يىپ ئۇچىنى تەمىن ئېتىشى لازىم ئىكەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، مەركەزنىڭ ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ھەققىدە قالايمىقان سۆزلىگەنلەر، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە مەيدانى قەتئىي بولمىغانلار ياكى ساختىپەزلىك قىلغانلار، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە زىيانلىق گەپ-سۆزلەردە بولغانلار، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ياكى ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيانلىق ئەسەر يازغانلار، ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تارقاتقانلار ياكى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار قاتارلىق 16 ماددىلىق مەزمۇندىكى ھەرقانداق بىر ئامىلنى سادىر قىلغۇچىلار «ئىككى يۈزلىمىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن.
خوتەن ۋىلايىتى يېقىندا «تېررورلۇق» ۋە «زوراۋانلىق» قا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى بەش مىليون سومغىچە مۇكاپات بىلەن تەمىن ئېتىشنى رەسمىي «(سىناق) چارە» قىلىپ تارقاتقان ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇ خىلدىكى «ئىككى يۈزلىمىلىك» نى پاش قىلىش ئۇقتۇرۇشى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «موللاق» ئېتىشىدىن بېشارەت بەرمەكتە.