«ئەركىنلىك تورى»: خىتاي ئىلھام توختىنى تارىختىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى ئويلايدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.01.08

ياپونىيەنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى «ئەركىنلىك تورى» ماقالە يېقىندا ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى تارىختىن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ماقالىدا، ئىلھام توختى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبوغا سېلىشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ پىكىرى ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئىلھام توختى ئىلگىرى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ خاتىرە كۈنىنى «مىللەتلەر ئىناقلىق كۈنى» قىلىپ بېكىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ماقالىدا، «كومپارتىيەنىڭ چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىناقلىق، ئۆز ئارا ئەپۇچانلىقنى رەت قىلىشى، ئۇنىڭ ھاكىممۇتلەق دۆلەت بەرپا قىلىش خىرىسىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ماقالىدا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشى ئېغىرلىشىپ، ئاپەت خاراكتېرلىك يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلېكترونلۇق تەقىب قېلىش سىستېمىسى قۇرۇپ، DNA ئەۋرىشكىلىرىنى توپلىشى، يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىشى، ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى، تورچىلىقى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلىشى نوپۇزلۇق خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. يېقىندا بۇ نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا ئارقا-ئارقىدىن بىر قاتار ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

«ئەركىنلىك تورى» دىكى ماقالىدا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىدە «ياتلارغا دۈشمەنلىك قىلىش، يات ئىرقلارنى تازىلاشتەك گىتلېرچە ئىدېئولوگىيە تەكرارلىنىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.

ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2016‏-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا بىر يىلدا 90 مىڭ ئامانلىق خادىمى قوبۇل قىلغان.

ماقالىدا، بۇ بىنورمال ئامانلىق مېتودلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى شەخسنىڭ چېن چۈەنگو ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «چېن چۈەنگونىڭ كېيىنكى پىلانى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى پۈتۈنلەي تەقىب ئاستىدىكى جەمئىيەتكە ئايلاندۇرۇش. بۇ رايون ئەڭ يېڭى تەقىب قىلىش تېخنىكىلىرىنىڭ مەخسۇس سىناق مەيدانى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.»

بىراق مەزكۇر ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئەگەر ئىلھام توختى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالسا، «بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق مەشئىلىنى ياندۇرۇپ، خىتايغا دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىشكە ياردەم قىلىدىكەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.