خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن رەسمىي ئەيىبلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى خەلقنى خىتاي رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلىشقا چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، ئىلھام توختىنى «ۋىجدان مەھبۇسى»، دەپ كۆرسىتىپ، «ئۇ ئۆزىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىك ھوقۇقىنى تىنچ يوللار بىلەن قوللانغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى ۋە قولغا ئېلىندى» دېگەن.

ئامېرىكىنى بازا قىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەنقىدلەپ، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىگە ھېچقانداق يول قويۇلماسلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپلا قالماي، ئۇنىڭ مىللىي سىياسىتىگە قارىتىلغان خەلقئارا تەنقىدكە بارغانچە قارمۇ-قارشى پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاقلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ، جۇڭگونىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، جۇڭگو ئەدلىيە دائىرىلىرى ئالاقىدار دېلونى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، دېگەن. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت