ئىلھام توختى سوتلانغان كۈنى ئامېرىكا ئەلچىسى ئۈرۈمچىگە كەلگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-09-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

داڭلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى سوتلىنىۋاتقان مىنۇتلاردا ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، دىققەت تارتتى.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا باش ئەلچىسى ماكس باكۇس چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋاقىت دەل ئىلھام توختى ئۈرۈمچىدە سوتلىنىۋاتقان، بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرى ۋەكىللىرىنىڭ مەزكۇر سوتقا قاتنىشىش تەلىپى رەت قىلىنىپ، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتى بۇ سوتقا مەركەزلەشكەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى چارشەنبە كۈنىدىن بۇيان ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن سوتلاشقا باشلىغان ئىدى.

ھالبۇكى، باش ئەلچىنىڭ باياناتچىسى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان زىيارەت كۈن تەرتىپى بويىچە ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرىنى باشلا بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى يەنە باش ئەلچى ماكس باكۇسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ئۇ يەرلىك ئورۇپ-ئادەت ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن بىر قىسىم مۇھىم ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىدۇ.

ماكس باكۇس ئۈرۈمچىگە ئىلھام توختىنىڭ سوتى ئۈچۈن بارمىغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكى ئىلھام توختىنىڭ سوتىغا ۋەكىل قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما دائىرىلەر بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرمىغان.
ئىلھام توختى خىتاينىڭ قانۇن دائىرىسىدە ئۇيغۇرلارغا باراۋەرلىك تەلەپ قىلغان زىيالىي ئىدى.

دائىرىلەر ئۇنى بۇ يىل 15 -يانۋار بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىدىن تۇتۇپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى كېيىن ئېلان قىلغان.

يېقىنى خەۋەرلەردە ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە قىينالغانلىقى ۋە ھەتتا كىشەنلەپ قويۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت