ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.10.25


بۈگۈن يەنى 25 - ئۆكتەبىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە تۋىتېر، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىنغان يازمىلار كۆپلەپ يوللاندى.

كۆپلىگەن يازمىلاردا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرىق قىلىنىغان. چاقىرىقنامىلەردە يەنە ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۈرۈمچى 1 - تۈرمىسىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقان ئىلھام توختىغا تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش كارتىسى ئەۋەتىشى، بۇ ئارقىلىق خىتاي تۈرمىسىدە ناقەق يېتىۋاتقان ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشتەك ۋىجدانى بۇرچىنى ئۆتىشى تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ 25 - ئۆكتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.