ۋىلسون مەركىزى بېرىيا بىلەن ۋىشىنسكىينىڭ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى ھەققىدە ستالىنغا يوللىغان مەخپىي دوكلاتىنى ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.02.18

باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون مەركىزى يېقىندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى لاۋرېنتى بېرىيا بىلەن تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋىشىنسكىنىڭ 1945-يىلى 29-ئاپرىلدا ئىلى ئىنقىلابى ھەققىدە ستالىنغا يوللىغان بىر پارچە مەخپىي دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر دوكلات ئىلى ئىنقىلابى دەسلەپكى قەدەمدە غەلىبىگە ئېرىشىپ، غۇلجا شەھىرى تولۇق ئازاد قىلىنغان، ئەلىخان تۆرە رەئىسلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىۋاتقان، مىللىي ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلۇپ، شەرق ۋە شىمالغا قاراپ ھەربىي يۈرۈش تەييارلىقى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە يېزىلغان.

دوكلات غۇلجىدىكى سوۋېت كونسۇلى بىلەن «2-ئۆي» دىكى سوۋېت خادىملىرىنىڭ موسكۋاغا يوللىغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىغا تايىنىپ، ستالىننى ئىلى ئىنقىلابىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار قىلغان.

مەخپىي دوكلاتتا غۇلجا شەھىرىنىڭ تولۇق ئازاد قىلىنىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى، گومىنداڭنىڭ بۇ يەردىكى 2520 نەپەر ئەسكىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقى، 2632 نەپەر ئەسكىرىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 50 نەپەر ھەر دەرىجىلىك ئوفېتسېرنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا دوكلاتتا يەنە غۇلجىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قولغا چۈشكەن ھەربىي قۇرال-ياراغلارنىڭ تەپسىلىي سانى ۋە تىزىمى بېرىلگەن.

دوكلاتتا يەنە غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ئېلىخان تۆرىنىڭ رەئىسلىك قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سوۋېتكە قارشى پائالىيەتلەردە بولۇپ 10 يىل قاماققا كېسىلگەندە ئۇيغۇر دىيارىغا قېچىپ كېلىۋالغان دىنىي زات ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ قوشۇمچە قىلىنغان.

دوكلاتتا غۇلجىدا تۇرۇشلۇق مىللىي ئارمىيە ئادەم كۈچىنىڭ 9300 كىشىگە يەتكەنلىكىنى، كەلگۈسىدىكى ئىككى ئاي ئىچىدە مىللىي ئارمىيەنىڭ 12 مىڭ كىشىگە يېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئالتايدىكى ئوسمان ئىسلامنىڭ 4 كىشىلىك قازاق ئەسكىرىنى قوشقاندا 16 كىشىلىك زور كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.

دوكلادنىڭ كېيىنكى قىسمىدا ستالىنغا ئىلى ئىنقىلابىنى يەنىمۇ ئۇلغايتىپ ئالتايدىن قەشقەرگىچە بولغان كەڭ رايونلارغا كېڭەيتىش ئۈچۈن ماددىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش توغرىسىدا مەخۇس تەكلىپ سۇنۇلغان. مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدىكى تەپسىلاتلارنى كېيىنكى شەنبىدىكى قىسقا خەۋەرلىرىمىزدە تونۇشتۇرىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.