ساقچى باشلىقى، «ئىنقىلابىي قۇربان» مەمەتجان توختىنىيازنىڭ بۇرۇن بىرقانچە گۇماندارنى كېۋەزلىكتە ئېتىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.04.05

2015-يىلى باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ قولىدا ئۆلگەن ۋە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك قەھرىمان دەپ نام بېرىلگەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەتجان توختىنىيازنىڭ، ئۆلۈمىدىن 15 يىل ئاۋۋال بىر قېتىملىق ئىز قوغلاش ئوپىراتسىيەسىدە بىر گۇرۇھ گۇماندارنى كېۋەزلىكتە ئېتىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بۇ ئۇچۇر تەڭرىتاغ تورىدىكى ئاتالمىش ئىنقىلابىي قۇربان مەمەتجان توختىنىيازغا بېغىشلاپ يېزىلغان «تەڭرىتاغدا جۇلالانغان ساداقەتمەنلىك روھى، چوكانتال بايرىمىدا ياد ئېتىلگەن قەھرىمان» ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئاشكارىلاندى.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، مەمەتجان توختىنىيازنىڭ بىر گۇرۇھ گۇماندارنى كېۋەزلىكتە ئېتىۋېتىش ۋەقەسى 2000-يىلى يۈز بەرگەن، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى مەمەتجان توختىنىياز بىر ياكى بىرقانچە ساقچى بىلەن ئاتالمىش تېررورچىلار گۇرۇھىنى قورۇسىدا قورشاۋغا ئالغان؛ گۇماندارلار ساقچىلاردىن بىرىنىڭ قولىدىكى قورالىنى ئېلىپ قاچقان، مەمەتجان توختىنىياز گۇماندارلارنى 5 كىلومېتىرغىچە ئارقىسىدىن قوغلىغان ۋە بىر كېۋەزلىككە كەلگەندە يېتىشىپ، گۇماندارلارنى ئېتىپ تاشلىغان ۋە تارتىۋېلىنغان قورالنى ياندۇرۇپ ئەكېلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن. خەۋەردە ئېتىۋېتىلگەن گۇماندارلارنىڭ سانى، كىملىكى ۋە قىلمىشى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش تېررور گۇماندارلىرىنى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىش ئەمرىنى، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يەنى جاڭ چۈنشيەن دەۋرىدە رەسمىي ئېلان قىلغان. تەڭرىتاغنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە مەمەتجان توختىنىيازنىڭ گۇماندارلارنى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىش قىلمىشى، «دۆلەتكە بولغان ساداقەتمەنلىك» دەپ مەدھىيىلەنگەن.

باي كۆمۈركان ھۇجۇمى 2015-يىلى 18-سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن. ھۇجۇمچىلار ئىز قوغلاپ كەلگەن مەمەتجان توختىنىياز بىلەن 4 چارۋىچىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان، بۇلاردىن مەمەتجان توختىنىيازنى ئۆلتۈرۈپ، قالغانلىرىنى قويۇپ بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.