خىتاي ئىنتېلنىڭ خىتايدا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
2024.10.16
«رويتېرىس» نىڭ 10-ئاينىڭ 16-كۈندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ تور بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى (CSAC) ئىنتېل (Intel) نىڭ خىتايغا ساتىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئىنتېلنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ تور بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكانىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى بولغان ئىنتېلنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە «داۋاملىق زىيان سالغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنتېلنىڭ خىتايغا ساتىدىغان مەھسۇلاتلىرىغا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلىشى ئامېرىكانىڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان ھالقىلىق ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرى ۋە زاپچاسلىرىغا ئېرىشىشنى چەكلەشكە تېرىشىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى ئامېرىكادىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان دەپ قارىماقتا.
ئامېرىكا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى بولغان مىكرو ئۆزەكنى خىتاينىڭ ھەربىي سانائەتكە ئىشلىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش تەدبىرىنى يولغا قويغانىدى. گوللاندىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۆتكەن يىلى مىكرو ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا دائىر يېڭى چەكلىمە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ مىكرو ئۆزەك ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانىدى.
ئامېرىكا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش تەدبىرىنى يولغا قويغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانى ئەيىبلەپ «مىكرو ئۆزەكنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەپ، ئۇنى ئۆزىگە قورال قىلىۋالدى» دېگەنىدى.









