ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستېراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئىپادە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.09.24


18 - سېنتەبىردىن تاكى بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورگانلار، ئىدارە - جەمئىيەتلەر، كومىتېتلار، تەشۋىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستېراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئىپادە بىلدۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكتىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، 18 - سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار؛ 19 - سېنتەبىر كۈنى ئورمانچىلىق نازارىتى ۋە شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى؛ 21 - سېنتەبىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى؛ 22 - سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بۇ ھەقتە مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈپ، شەخسىي ۋە كوللېكتىپ ئىپادە بىلدۈرۈش ئېلىپ بارغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستېراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئىپادە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە نۇقتىلىق ھالدا مۇنداق ئىككى مەسىلە تەكىتلەنگەن: «بىرى، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ۋە مۇقىملىقى مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلگەن تونۇشقا ئىگە بولۇش ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىش. ئىككىنچىسى، ھەر ساھە، ھەر مىللەت ۋە ھەرقايسىي قاتلاملارنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، بىرلىكىنى كۈچەيتىش.»

كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە «ئەبەدىي ئەمىنلىك»، «مۇقىملىق»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»، «تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ كۈندە تەكرارلىنىدىغان سۆزلەرگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.