ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش چارىسى» رەسمىي يولغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.01.02

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش چارىسى» بۇ يىل 1‏-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. 2014‏-يىلى 28‏-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغان مەزكۇر چارىدە، دىنىي سورۇن، دىنىي پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

د ئۇ ق قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، مەزكۇر چارە ئۇيغۇر ئىلىدا دىنىي ئەركىنلىك تېخىمۇ قاتتىق بوغۇلۇپ، توقۇنۇش ۋە قانلىق ۋەقەلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

مەزكۇر چارىدە، «ھەر قانداق گۇرۇھ ۋە شەخسنىڭ دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تەرغىب قىلىشىغا، قاتنىشىشىغا بولمايدۇ» دېگەن.

ئۇنىڭدا يەنە، دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، نىكاھ ۋە دەپن مۇراسىمى قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، سەنئەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى چەكلىگەن. «دىنىي ئاشقۇنلۇق» تەرغىب قىلىنغان قىياپەت، كىيىم-كېچەك، بەلگە، ماركىلار مەنئى قىلىنغان ئىدى.

دىلشات رىشىتنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر چارىدە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» بىلەن «نورمال دىنىي پائالىيەتلەر»نىڭ پەرقى ئېنىق ئايرىلمىغان. ئۇنىڭدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خالىغان دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي زاتنى باستۇرۇشى قانۇنلاشتۇرۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.