ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئىپتار پائالىيىتىدە شېھىتلار خاتىرىلەندى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.07.07

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن ئامېرىكا تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتى شەنبە كۈنى كەچقۇرۇن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئىپتار پائالىيىتىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى خاتىرىلەندى ھەمدە ۋەقەدە قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىندى.

ئامېرىكا تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق ئىپتارلىق پائالىيەتكە ۋاشىنگتون، ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەن شىتاتلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ھەمدە يىراق-يېقىندىن كەلگەن مېھمانلار بولۇپ يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى.

ئىپتاردىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن ئامېرىكا تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى پاجىئەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا قارىتا يوقىتىش خاراكتېرلىك بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قانۇنىي تەلەپلىرىنى «تېررورلۇق» قالپىقى بىلەن قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.