«ئىقتىسادشۇناس» تورى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن «قەپەس» ناملىق پىروگراممىنى قايتا ئاڭلاتقان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.12.27

دۇنيا مىقياسىدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «ئىقتىسادشۇناس» (Economist) ژۇرنىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان «قەپەس» ناملىق ئاۋازلىق پىروگرامما پودكەستىنى قايتا ئېلان قىلىشقا باشلىغان.

«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىبلىشى ۋە كونترول قىلىشىغا ئۇچراش ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ «قەپەس»ناملىق ئىككى قىسىملىق سۆھبەت پىروگراممىسىنى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇلار بۇ پىروگراممىنى قايتا ئېلان قىلىشىدىكى سەۋەبنى ئىزاھلاپ مۇنداق دېگەن:

«خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇمدىن كېيىن شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەچكە، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدىكى ھېكايىلەر تاراتقۇلاردىن كۆپ ئورۇن ئالمايدىغان بولۇپ قالدى. بىز بۇ يىل ئاخىرلىشاي دەپ قالغان مۇشۇ كۈنلەردە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2024-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈش يىغىنىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايدا باشلايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ، ‹قەپەس› ناملىق بۇ پىروگراممىمىزنى قايتا يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان زىيانكەشلىكنى دۇنيانىڭ ئېسىگە سېلىشنى مەقسەت قىلدۇق.»

«قەپەس» ناملىق پىروگرامما «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇخبىرى ئەلىس سۇ (Alice Su) ۋە داۋىد رېننى (David Rennie) تەرىپىدىن مەخسۇس ئاڭلىتىلىدىغان پودكەست سەھىپىسىدە تارقىتىلىدىغان بولۇپ، پىروگراممىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ، كەۋسەر ۋاھىت، نىگارە ۋە باشقىلار زىيارەت قىلىنغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.