ئىران يادرو سۆھبىتى نەتىجىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىش كۈتۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.06.28


ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭئاخىرى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جون كېررى شەنبە كۈنى ئاۋستريەنىڭ ۋېننا شەھىرىدە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىفى بىلەن يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن،

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىفى سۆھبەتتە تېخىمۇ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر تەرەپنىڭ تەڭ تىرىشانلىق كۆرسىتىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ئىراننىڭكېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر قارشى تەرەپ ئاكتىپ قەدەم تاشلاپ، ھەددىدىن ئارتۇق تەلەپ قويمىسا، بىز چوقۇم ھەممىگە پايدىلىق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلالايمىزى، دەگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈزۈشكە قاتنىشىۋاتقان فرانسىيە ۋەكىلىتەرەپلەرنىڭ ئىران تەرەپكە ئۈچ شەرت قويغانلىقى، ئىران بۇ ئۈچ شەرتكە ماقۇل بولسا، ئاندىن كېلىشىمھاسىل قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىلان بويىچە 30 - ئىيۇن كۈنىئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانيادرو سۆھبىتى ئاخىرقى خۇلاسىگە ئېرىشىپ، كېلىشىم ئىمزالىنىشى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.