ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى


2013.11.24

ئامېرىكا باشلىق 6 دۆلەتنىڭ ئىران بىلەن جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن ئۇران تاۋلاشنى توختىتىش سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىپ، دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەتكە ئامېرىكا، رۇسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، خىتاي قاتارلىق 6 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى مەزكۇر كېلىشىمنى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىرىنچى قەدەم دەپ ئاتىغان.

كېلىشىمنىڭ ۋاقتى 6 ئاي بولۇپ، بۇ ئالتە ئاي ئىچىدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىدىغان لايىھىسى تۈزۈپ چىقىلىدىكەن شۇنىڭدەك ئىران ئالتە ئاي ئىچىدە كېلىشىم ماددىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىسا، ئۇنىڭغا قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمبارگو قويۇلىدىكەن.

ئىران تەرەپ ئۇران تاۋلاشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا ماقۇل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇران تاۋلاشنىڭ ئىراننىڭ ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا قاتارلىق 6 دۆلەتنىڭ ئىران بىلەن تۈزگەن مەزكۇر كېلىشىمى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان بولۇپ، «بۈگۈن ئېلان قىلىنغىنى بىرىنچى قەدەمدىن ئىبارەت، نەتىجىدە مول، بىز ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىنى توستۇق» دېگەن

ئەگەر ئىران پۇرسەتنى تۇتسا، ئىران خەلقى خەلقئارا جەمئىيەتكە قايتىپ كېلىدۇ ۋە بۇنىڭدىن مەنپەئەتدار بولىدۇ. بىزمۇ قەدەممۇ - قەدەم ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنمەسلىكىنى بىكار قىلىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.