ئىراق، ئىسيانچىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيەدىن ئايروپىلان سېتىۋالدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-06-29
Share

ھۆكۈمىتى يېقىندا يۈز بېرىۋاتقان ئىسيانلارنى باستۇرۇشتا پايدىلىنىش ئۈچۈن رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە بەش دانە «سۇخوي - 25» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ئىراققا ئېلىپ كېلىنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن ئىسيانچى كۈچلەر ئارىسىدا سابىق ئىراق رەھبىرى سادام ھۈسەيىننىڭ يۇرتى تىكرىت رايونىدا شىددەتلىك جەڭلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىسيانچى كۈچلەر ئىراقنىڭ خېلى كۆپ قىسىمىنى ئىشغال قىلىۋالغان ئىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى مالىكى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئايروپىلانلارنى رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيەدىن سېتىۋالغانلىقى، باھاسىنىڭ 500 مىليون دوللار قىممىتىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئىراق باش مىنىستىرى يەنە رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش مەقسىتىنىڭ ئىراق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا كۈچلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت