ئىراق باش مىنىستىرى، دائېش ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.07.10

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل-ئابادى دۈشەنبە كۈنى ئىراق بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتى دائېش ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئابادى دۈشەنبە كۈنى موسۇل كونا شەھىرىنى ئازاد قىلغان ئىراق ئامانلىق كۈچلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئىراق بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، دائېش تېررورلۇق دۆلىتىنىڭ يوقالغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

ئىراق بىخەتەرلىك كۈچلىرى دۈشەنبە كۈنى دائېشنىڭ موسۇل كونا شەھەر رايونىنى ئىگىلەپ تۇرغان ئاخىرقى قالدۇق كۈچىنى يوقاتقان. موسۇلنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشى 9 ئاي داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن قۇرۇلۇش ۋەيران بولغان، مىڭلىغان ئىنسان ئۆلگەن، بىر مىليونغا يېقىن ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر قوماندانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موسۇل شەھىرىنى ئېلىش ئۇرۇشى 2‏-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ شىددەتلىك شەھەر ئۇرۇشى بولۇپ قالغان. بىراق ئابادى، خەۋپنىڭ يەنە مەۋجۇتلۇقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «بىزنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ مۇقىملىق بەرپا قىلىش، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ۋە دائېشنىڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاش» دەپ كۆرسەتتى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر، موسۇل كونا شەھىرىدە مىنالارنى تازىلاشقا، دائېش قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىراقدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ستېفان توۋسېند، «بۇ غەلىبىنىڭ ئۆزى يالغۇز دائېشنى يوقىتالمايدۇ. ئالدىمىزدا يەنە شىددەتلىك ئۇرۇشلار يۈز بېرىدۇ. بىراق دائېش ئىككى پايتەختىنىڭ بىرىدىن ئايرىلدى. ئاتالمىش خەلىپىلىكنىڭ پارلاق كۈنلىرىنىڭ يەنە كېلىشى تامامەن ئىمكانسىز» دېگەن.

دائېش قوراللىق كۈچلىرى موسۇلنى 2014‏-يىلى 6‏-ئايدا ئىشغال قىلغان. دائېشنىڭ خەلىپىسى ئابۇ بەكىر ئەل باغدادى دەل 2014‏-يىلى 7‏-ئايدا موسۇلدىكى مەشھۇر ئەل نۇرى تارىخىي مەسچىتىدە ئۆزىنى «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ خەلپىسى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.