ئىراقتىكى جىھادچىلار ئىچىدىن «بىر خىتاي پۇقراسى تۇتۇۋالغانلىقى» خەۋەر قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-09-06
Share


ئامېرىكا CNN خەۋەرلەر تورىنىڭ ئىراق ئاخباراتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىراق ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان جىھادچىلار ئىچىدىن بىر خىتاي پۇقراسىنى تۇتۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە مەزكۇر تۇتقۇننىڭ ئىراق ۋە سۈرىيە تېررىتورىيىسىدە جەڭ قىلىۋاتقان «ئىراق، شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ جەڭچىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

CNN دە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ: بىز بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ راست - يالغانلىقىنى تېخى دەلىللىيەلمىدۇق، دېگەن.

CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي مۇلاھىزىچى ۋېكتور گاۋ بۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھالبۇكى، نۆۋەتتە مەزكۇر تۇتقۇننىڭ راستىنىلا خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى، ئەگەر شۇنداق بولسا قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكى رەسمىي قاناللار ئارقىلىق دەلىللەنمىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت