ئانالىزچىلار: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىر ۋەقە ئەمەس، بەلكى تراگېدىيەلىك جەرياندۇر»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-02-12
Share

11-فېۋرال Inkstick تاراتقۇسى تورىدا مايكول كلارك (Michael Clarke) ئىسىملىك بىر ئانالىزچىنىڭ «جوۋ بايدېن شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرزىسىغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەك؟» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرى باشچىلىقىدىكى غەرب سىياسەتچىلىرىنىڭ بۇ جىنايەتنى توسۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇھىم تەكلىپلەر بېرىلگەن.

ماقالىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدeن 27-يانۋار «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق كۈنى» دە سۆز قىلىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرگىز تارىخنىڭ تەساددىپىيلىقى ئەمەس» دېگەن. دېمەك، ھەر قانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق چوقۇم تارىخىي ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك، ئەقلىدىن ئازغان بىر ھۆكۈمدارنىڭ ۋەھشىيلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ جىنايىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالغاندىن كېيىن بايدeن ھۆكۈمىتى بۇ جىنايەتنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ «رىم نىزامنامىسى» (7-ماددىسى) غا ئاساسەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇقىملاشتۇرسا بولىدىكەن، چۈنكى خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» غەرىزىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلار تولۇق ئىكەن. خىتاي گەرچە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەزاسى بولمىسىمۇ، خىتايغا بۇ جىنايەتنى ئارتىپ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى چۈشۈرگىلى، سېسىق نامىنى تېخىمۇ سېسىتقىلى بولىدىكەن. ئەڭ مۇھىمى، جوۋ بايدېن ئەگەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بىرەر ئۈنۈملۈك بىر خەلقئارا ھەرىكەت قوللانماقچى بولسا غەرب دۆلەتلىرى بىلەنلا ئەمەس، تەرەققىي قىلغان ۋە قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەك ئىكەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىر ۋەقە ئەمەس، بەلكى تراگېدىيەلىك جەرياندۇر. ئۇنىڭ دائىرىسى مەلۇم خەلقنى كەڭ-كۆلەملىك يوق قىلىشتىنمۇ ھالقىپ كېتىدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا چوقۇم ئارىلىشىشى ۋە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت