ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى شەخسى سۆھبەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغانلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-01
Share

ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لىز ترۇس بىر شەخسىي سۆھبەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەپ، خىتايغا قارىتا سابىق ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رابتىن پەرىقلىق پوزىتسىيەدە بولغان. دومىنىك راب ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھېچقاچان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى قوللانمىغان. راب خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ سۆزنى قوللىنىشتا ئىھتىياتچان بولۇشىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

بىراق ئەنگىلىيە «ئېكسپرەس» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، لىز ترۇس بۇ سۆزنى قوللىنىشتا دومىنىك راب ۋە باش مىنىستىر بورىس جونسونغا قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىن ئىكەن. «ئېكىسپرەس» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، لىز ترۇسنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە باش ئەلچىسى كورولىن ۋىلسون بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى كۆز قارىشىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئېكىسپرەس» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، كارولىن ۋىلسون ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا خىتايغا باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەندە لىز ترۇس بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ ۋاقىتتا لىز ترۇس ئەنگلىيەنىڭ خەلقئارا سودا مىنىستىرى بولۇپ، ئۇ خىتايغا ئەنگىلىيەنىڭ «فرانسىيەگە قىلغان مۇئامىلىسىنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ «ئېكسپرەس» گېزىتىگە ئېيتىشىچە، كارولىن ۋىلسون، لىز ترۇستىن خىتايغا نېمە ئ‍ۈچۈن فرانسىيەگە قىلغان مۇئامىلىنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى سورىغان بولۇپ، لىز ترۇس: «چۈنكى فرانسىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىدى» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئەنگلىيە پارلامېنتى بۇ يىل 4-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېيىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت