ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.08.17

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف 19 - 20 - ئاۋغۇست كۈنلىرى خىتايدا دۆلەت زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەردە بولىدۇ.

پەرغانە ئۇچۇر تورى خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، ئىسلام كەرىموف بۇنىڭدىن ئۈچ ئايلار ئىلگىرى، يەنى ماي ئېيىدا شاڭخەيگە بېرىپ، «ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ»يىغىنىغا قاتناشقان ھەم شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. بۇ، كەرىموفنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئىسلام كەرىموفنىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرىنىڭ يەنە قانداق تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلات يوق، ئەمما «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش»تە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

پرېزىدېنت كەرىموف تۇنجى قېتىم 1992 - يىلى خىتاينى زىيارەت قىلغان، 2012 - يىلى يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، 2013 - يىلى، خىتاي دۆلەت رەئىسى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 15 مىليارد دوللار قىممىتىدە 31 توختام ئىمزالانغان ئىدى. خىتاي ئۆزبېكىستان بىلەن زور كۆلەمدىكى تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىغان.

تەھلىللەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئانچە ئاكتىپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلانماقتا. رۇسىيەنىڭ تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتلىرى، ھەمدە ئامۇ ۋە سىر دەرياسى يۇقىرى ئېقىمىدا ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، سۇ مەنبەلىرىنى قامال قىلىشقا ھەرىكەت قىلىشى تاشكەنتنى ئەندىشىلەندۈرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە، ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي مەبلىغىنى كۆپلەپ جەلىپ قىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، شۇنىڭدەك غەرب بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى ئاشۇرۇش بىلەن رۇسىيە تەسىرىگە كۈچ كۆرسىتىۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.