خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-07-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مۇسۇلمانلار يەرلىك نوپۇس نىسبىتىدە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلار دىيارى ۋە نىڭشىيا، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدا ئىسلام دىنىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن كونترول قىلىۋاتقانلىقى غەرب ئاخبارات ساھەسىدىكى قىزىق تېمىلاردىن بولۇپ كەلمەكتە.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ 16-ئىيۇلدىكى ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى دىنىي ساھەگە باغلاپ «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يوللاشتىن كېيىن، بۇ خىلدىكى دىنىي تەقىب سىياسەتلىرى ئىچكىرىدىكى تۇڭگانلار رايونىغا كېڭەيمەكتە ئىكەن.

گەنسۇدىكى ئىسلام مەركىزى بولغان لىنشيادا بىر ئىمام بۇ ھەقتە مۇخبىرغا سۆز قىلىپ «راستىنى دېسەم ئۇلار ھازىر شىنجاڭدىكى تەدبىرلەرنى بۇ يەرگە ئەكىلەمدىكىن، دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. بالىلىرىمىز ھازىر خۇداغا ئەمەس، بەلكى كوممۇنىزم ۋە كومپارتىيەگە ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ھازىر بۇ جايلاردىمۇ مەسچىتلەرگە دۆلەت بايرىقى ئېسىش، مەسچىت مۇنارلىرىدىكى ئەزان ئېيتىدىغان كانايلارنى «شاۋقۇن» باھانىسىدە قومۇرۇپ تاشلاش، ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەربىيە ئېلىشىنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئومۇميۈزلۈك ئىجرا بولماقتا ئىكەن. لىنشيادىكى يەرلىك ئىماملاردىن يەنە بىرەيلەن بۇ ھەقتە مۇخبىرغا سۆز قىلىپ «ھۆكۈمەت بىزدىكى تەقۋالىقنى ئەسەبىيلىككە، ئەسەبىيلىكنى تېررورلۇققا باشلايدۇ، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن بىزنى دەھرىلىككە ئۈندەۋاتىدۇ» دېگەن.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەر ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، گەنسۇدىكى تۇڭگانلارنىڭ ئۆتمۈشتە شۇ جايدىكى خىتاي ئاھالىلىرى بىلەن بىر-بىرىگە تاقاشماستىن ئىناق ھالدا ئۆتۈپ كەلگەنلىكىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلام دىنىنى تەقىب قىلىش سىياسىتىنى توسۇپ قالالمىغان. ئۇلار قولغا چۈشۈرگەن بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشلار نۆۋەتتە ئىسلام دىنىنىڭ تولۇق يوقىتىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ ئىلاھقا بولغان ساداقىتىنى خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقەتكە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت