سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق 37 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى قوللاپ ب د ت غا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.07.12

10-ئىيۇل كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 22 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا تەقىبلەش سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئورتاق بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ 37 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق 37 دۆلەت 12-ئىيۇل جۈمە كۈنى، ب د ت غا ئىمزالىق خەت تاپشۇرۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خەتنى بىۋاسىتە كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «تېررورلۇق ۋە رادىكاللىقنىڭ غايەت زور تەھدىتىگە ئۇچرىغان خىتاي، شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىش يولىدا كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالدى» دېيىلگەن.

خەتتە يەنە، «بۇنىڭ بىلەن رايوندا بىخەتەرلىكنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىپ، ھەممە مىللەت خەلقىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، بۇ سەۋەبلىك 3 يىلدىن بۇيان رايوندا بىر قېتىممۇ تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى ۋە كىشىلەر بەخت ۋە خاتىرجەملىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولدى» دېگەن سۆزلەر ئورۇن ئالغان ئىكەن.

مەزكۇر ئورتاق ئىمزالىق خەتكە سەئۇدى ئەرەبىستان، رۇسىيە، شىمالىي كورېيە، ۋېنسۇئىلا، كۇبا، بېلارۇسىيە، بىرما، فىلىپپىن، سۈرىيە، پاكىستان، ئومان، كۇۋەيت، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە بىر قاتار ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى تەرىپىدىن ئىمزا قويۇلغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بولسا تىۋىتتېردا بۇ ھەقتە بەرگەن باھاسىدا، يۇقىرىدا قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى قوللاپ ئىمزا قويغان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بۇ ئاتالمىش مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ «نومۇسسىزلىقىنى، شەرمەندىلەرچە ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى» دېدى.

12-ئىيۇل كۈنى، ھىندىستاندا چىقىدىغان «نەشىر» ناملىق تور گېزىتىدە «ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى ئالدىدىكى شەرمەندىلەرچە سۈكۈتى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتاينىڭ پۇلىنى دەپلا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى، گەرچە «تىلەمچى» نىڭ سۈكۈتىنى چۈشىنىشكە بولسىمۇ، ئەمما شۇنچە باي قولتۇق دۆلەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.