كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.

باياناتتا: «بىز ئەزا دۆلەتلەرنى بولۇپمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى سۆز قىلىشقا چاقىرىمىز. كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ رايوندا چەكلىمىسىز مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، رايوننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى قوللايمىز» دېيىلگەن.

باياناتتا يەنە، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇساپىر نۇرمەمەت توختىنىڭ ئائىلىسى مىسال كەلتۈرۈلۈپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلاردىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىشىنىڭ تەخىرسىز مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن. نۇرمەمەت توختىنىڭ ئايالى بىلەن ئىككى پەرزەنتى 2016‏-يىلى ئانىسى بىلەن يۇرتىغا تۇغقان يوقلاشقا قايتىپ غايىب بولغان. ئۇ، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا 4 ياشلىق ئوغلىنى خىتاينىڭ بىر سىن تەشۋىقات كۆرۈنۈشىدىن تونۇپ قالغانىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ 18‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، «رايوندىكى مۇسۇلمان بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدەك تىكەنلىك سىم ۋە كامېرالار ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا يەرلەشتۈرگەنلىكى، ئۇلاردىن خىتاينىڭ تەشۋىقات ناخشىسىنى ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن كېيىن، بۇنىڭغا قارىتا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى تېخىمۇ جىددىي مەسىلىگە ئايلانغان.»

مەزكۇر تەشكىلات بۇ يىل 9‏-ئايدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدىمۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ يىل 6‏-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 25 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى پرېزىدېنتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىغا مەكتۇپ يېزىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا چوڭقۇر ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن. ئارقىدىنلا شىمالىي كورېيە، ۋېنۇزئېللا، سۈرىيە، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينى قوللىغان بۇ مەكتۇپقا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېرىمى ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇلارغا ئىلھام بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت