ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى يۈزسىزلىكى يەنە بىر قېتىم تەنقىد ئوبيېكتى بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-11-19
Share

ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى يۈزسىزلىكى يەنە بىر قېتىم تەنقىد ئوبيېكتى بولدى. «يېرۇسالېم پوچتىسى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مۇناپىقلىقىنى چۈشىنىش» ناملىق مۇلاھىزە ماقالىسىدە يېقىندا فىرانسىيەدىكى بىر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قورقۇنچلۇق شەكىلدە ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغدىشى ۋە ئارقىدىن بۇنىڭغا قارشى نېس ۋە ۋىيېنادا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ يۈز بېرىشى قاتارلىق ۋەقەلەر ئەسلىتىلىپ، مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنىڭ فىرانسىيە ۋە خىتايغا قايتۇرغان ئىنكاسى سېلىشتۇرۇلغان.

ئۇنىڭدا مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «فىرانسىيە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى، نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى. پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ياۋروپانىڭ ئاتالمىش ‹ئىسلام دۈشمەنلىكى› نى ئەيىبلىدى، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇسۇلمانلارنىڭ فىرانسىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلدى، مالايسىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ماھاتىر بىن مۇھەممەد مۇسۇلمانلارنىڭ ‹مىليونلىغان فرانسىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بار› دەپ كەسكىن تەلىم بەردى. بىراق ئۇلارنىڭ فىرانسىيەنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ۋە دىندىن خالىي ياشاش ئۇسۇلىنى ‹ئىسلام دۈشمەنلىكى› دەپ قاراپ غەزەپلىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىگە سۈكۈت قىلىشى ۋە ھەتتا ئۇنى قوغدىشى ئالدىدا بىر تىيىنغا ھېساب.»

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى دىنىدىن ۋاز كېچىشكە، ئۇنى ئەيىبلەشكە، چوشقا گۆشى ۋە ھاراق ئىستېمال قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئىسلامنى ساقايتىشقا تېگىشلىك «ۋىرۇس» دەپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىسلامفوبىيەنى ئوچۇق نامايان قىلغان تۇرۇقلۇق، مۇسۇلمان دۇنياسىدىن بۇنىڭغا قارشى بىر سادا كۆتۈرۈلمىگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە «خىتاينىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىنى ئەيىبلەيدىغان باتۇرانە چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا چىقمىدى. خىتاينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى قىلىنمىدى، شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتىنى دەسسەپ-چەيلەيدىغانلار چىقمىدى، خىتاينىڭ بايرىقىنى كۆيدۈرۈدىغانلار چىقمىدى، ‹خىتايغا ئۆلۈم› دەپ ۋارقىراشلار ئوتتۇرىغا چىقمىدى،» دېيىلگەن.

ماقالىدە سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، پەلەستىن، ئىران ۋە پاكىستان قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى قوللاپ بەرگەنلىكى، ئەردوغاننىڭ ھەتتا خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، سۈرگۈندە يۈرۈۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشقا باشلىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «بۇ رەھبەرلەر كۆرسەتكەن مۇناپىقلىق ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشنى يوقىتىش ئەمەس، بەلكى سۆز ئەركىنلىكىگە ھۇجۇم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. سۆز ئەركىنلىكى دېموكراتىيىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، ئۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە، بولۇپمۇ دېموكراتىك دۆلەت قىياپىتىگە كىرىۋالغانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلدى، دەپ فىرانسىيەگە ھۇجۇم قىلغان دۆلەتلەر پەقەت ۋە پەقەت ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىغان ۋىرۇس يۇقۇمى، ھەددىدىن زىيادە چىرىكلىشىش ۋە ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ناچارلىشىشىدىن نارازى بولۇۋاتقان خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى بۇراشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ھوقۇقنى مۇستەھكەملەشتىكى ئىنتايىن رەزىل سىياسىي سۇيقەستتىن باشقا نەرسە ئەمەس»

«يېرۇسالېم پوچتىسى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىنى كېللىي ئالخولى يازغان بولۇپ، ئۇ فىرانسىيەدىكى سىياسىي ۋە تاشقى ئىشلار مەركىزى (CPFA) نىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى بولۇپ خىزمەت قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت