ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.12.18

ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى ئۆزىنى «دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەمىسى» دەپ كېلىۋاتقان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەشكىلاتلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاينىڭ كۈچىدىن ئۈركىمەكتە ئىكەن. بۇ تەشكىلاتلار ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى 17-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تور يىغىنىدا تەنقىدلىگەن.

«ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيەسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئۆمەر سۇلايمان مۇنداق دېگەن: «ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاي مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بوغۇۋالغان. ھەر بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنى يالغۇز قالدۇرۇپ، ھەتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن لېۋىنى مىدىرلىتىشتىنمۇ قورقىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.» ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى پەلەستىن مەسىلىسىدە لېۋىنى قىمىرلاتسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنى قايتۇرۇش مەسىلىسىدە زۇلۇمغا ياردەم قىلماقتا» ئىكەن.

«ئەل-جەزىرە» نىڭ خەۋىرىدە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مىليون مۇسۇلماننىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادى يوقىتىلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قىمىرلاپمۇ قويمىغانلىقى، ھەتتا 2019-يىلى خىتاينىڭ «مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا كۆرسەتكەن غەمخورلىقىنى ماختىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. 17-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇر شاھىتلىرىمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.