قاتاردا زىيارەتتە بولغان ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى ئىسلام دۆلەتلىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.03.22

يېقىندا قاتاردا زىيارەتتە بولغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشى ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

تۈركىيەنى بازا قىلغان «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ ۋەكىللىرى يېقىندا ئېلىپ بارغان قاتار زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دىنىي گۇرۇپپىلار ۋە سىياسەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى سىستېمىلىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئەل-جەزىرە» نىڭ 20‏-مارت خەۋەر قىلىشىچە، زىيارەت ئۆمىكىدىكى دىنىي زات ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «ئەل جەزىرە» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ خەلقىمىزگە قارشى مەدەنىيەت ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، بىزنى مۇسۇلمانلىق ئېتىقادىمىز ۋە ئەنئەنىلىرىمىزدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، خىتاي جەمئىيىتىدىكى كۆپ سانلىقلاردەك دىنسىز ۋە كوممۇنىست قىلىشقا ئۇرۇنماقتا،» دېگەن.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» ۋەكىللىرىنىڭ قاتار زىيارىتى يېقىندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبى شەھىرىدە چاقىرىلىپ ئارقىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان. 2‏-مارت كۈنى چاقىرىلغان يىغىندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ «مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەيدانى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

«ئەل-جەزىرە» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «مەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىن ئەندىشە قىلىشتەك ھالەتنى يېڭىشىنى، خىتاينىڭ خەلقىمىزگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىنكاس بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.