قاتار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىنى قوللاپ ئىمزا قويغان 50 دۆلەتنىڭ ئىچىدىن چېكىنىپ چىققان

مۇخبىرىمىز سادا
2019-08-21
Share

ئۆتكەن ئايدا مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىققول باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىگە ئىمزالىق خەت ئەۋەتكەن ئىدى. يېقىندا ئوتتۇرا-شەرقتىكى مۇھىم دۆلەت قاتار بۇ 50 دۆلەتنىڭ ئىچىدىن چېكىنىپ چىققان.

«بلۇمبېرگ» گېزىتىنىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، قاتار ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى كولىي سېككە ئۆزلىرىنىڭ 7-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىققول سىياسىتىنى قوللاپ ئىمزالىغان خېتىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. «بلۇمبېرگ» گېزىتى بۇ ئەھۋال ھەققىدە قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقە ئىشخانىسى ۋە ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

قاتارنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ئەلى ئەل-مەنسورى 18-ئىيۇل كولىي سېككە خەت يېزىپ، «بىزنىڭ بۇ بىرلەشمە ئىمزالىق مەكتۇپقا ئىمزا قويۇشىمىزنىڭ بىزنىڭ چەتئەل سىياسىتىمىزدىكى بىتەرەپلىك سىياسىتىمىزگە ۋە بۇ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمىزگە توغرا كەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. مۇشۇ سەۋەبتىن بىز بىتەرەپ بولۇشنى خالايمىز،» دېگەن.

قاتار دۆلىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «بلۇمبېرگ» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قاتارنىڭ يۇقىرىقى قارارنى چىقىرىشى ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىغا مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت