خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشلىرى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-08-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا قاراتقان بېسىم قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا قانداق دىشۋارچىلىقلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان يەنە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. «ئاسىيا كاتولىك بىرلەشمىسى خەۋەرلىرى» نىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى باش ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلام دىنىنىڭ «خىتايچىلىشىشى» نۆۋەتتە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

مايكىل ساينىزبۇرىي ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2015-يىلىدا باشلىغان دىنغا قارشى ئۇرۇشنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن. بۇ «ئۇرۇش» تا شى جىنپىڭ غەرب تەرەپتىن كەلگەن ئىسلام دىنى ۋە خرىستىئان دىنىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» نى قەتئىي تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن 16 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ مەسچىتلەرگە بېرىشى مەنئى قىلىنغان؛ مەسچىتلەرگە خىتاينىڭ دۆلەت بايراقلىرى ئېسىلغان؛ مەسچىتلەردىكى ئەزان كانايلىرى يۇلۇپ تاشلانغان؛ ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ھەرقانداق بىنالار ئۆزگەرتىش نىشانى بولغان.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ قوزغىغان «دىنغا قارشى ئۇرۇش» ئۇيغۇرلار رايونىدا باشقىچە تۈس ئالغان. مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ياكى دىنىي ئېتىقاد بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن تۇرمۇش ئادەتلىرى ئۇلارنىڭ «ئۆگىنىش مەركەزلىرى» نامىدا لاگېرلارغا قامىلىشىغا سەۋەب بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدە «ئىسلام ۋەھىمىسى» يېڭىۋاشتىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جېيمىس تاۋن ۋەخپىنىڭ خادىملىرىدىن مات شرادېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «يېقىندىن بۇيان خىتايدا مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلەش مەزمۇنىدىكى تور يازمىلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ خىل ‹ئىسلام ۋەھىمىسى› نىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى سەۋەبكار بولماقتا» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت