«haaretz» گېزىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگىرلاردا يۇز بېرىۋاتقان جىنسي پاراكەندىچىلىك ۋە باشقا زۇلۇملار ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.10.18

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «haaretz» گېزىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگىرلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دەپسەندىچىلىكلەر ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالە نۆۋەتتە شىۋىتسىيەدە پاناھلىنىۋاتقان قازاق لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي قاتارلىق بىر قانچە شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن بېرىلگەن. ماقالىدە لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ لاگېرلاردا ئەمەلىيەتتە قورقۇنچلۇق تەن جازاسى، روھىي جازالاش ۋە جىنسىي خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقى تۇنجى قېتىم ئەتراپلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

سايراگۈل ساۋۇتباي لاگىر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال، قېرى ياكى ياش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق بىر كىچىك سەۋەب بىلەن «قارا ئۆي» لەردە قورقۇنچلۇق قېيىن-قىستاققا ئېلىنىدىغانلىقىنى تەپسىلاتلىرى بىلەن بايان قىلغان. ئۇ يەنە، لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارغا «كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن مەجبۇرىي ھالدا ئوكۇل ۋە دورا بېرىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە تۇتقۇنلارنىڭ تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقىنى، تۇتقۇنلاردا ھەرخىل ئوخشىمىغان رىياكسىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئەر ۋە ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىك بولالمايدىغان ئەھۋاللارغا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. 

ئۇ لاگېرلاردا بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ داۋاملىق ھالدا جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە خورلاشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزى بىۋاستە شاھىت بولغان ۋەقەلەرنى تەپسىلى بايان قىلغان. ماقالىدە يەنە، لاگېر ئىچىدە 35 ياشتىن تۆۋەن ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئوخشاشلا جىنسىي خورلۇققا ئۇچرايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. سايراگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ لاگېر ئىچىدە كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى 84 ياش، ئەڭ كىچىكى بولسا 13 ياش ئىكەن. 

لاگېر ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قېيىن-قىستاق ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك مەسىلىسى 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇ سايراگۈلنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن گۇۋاھلىقىنى مىسال بېرىپ تۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ ۋە دۇنيانىڭ بۇ تراگېدىيەگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

يۇقىرىدىكى بۇ ماقالە لاگىر ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلاش ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلى ئېلان قىلىنغان تۇنجى ماقالە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.