ئىستانبۇل ئايرودرومىدا 7 ئوتتۇرا ئاسىيالىق 9 يېرىم مىليون دوللار بىلەن تۇتۇلغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.11.20


18-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئاتا تۈرك ئايروپورتىدا 7 نەپەر ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان پۇقراسى نەق 9.5 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى چېگرىدىن ئېلىپ كىرىش جەريانىدا تۇتۇلغان. مەزكۇر كىشىلەر بۇ نەق پۇللارنى تاموژنىغا مەلۇم قىلمىغان ئىكەن.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان تەرەپ بۇ يەتتە كىشىنىڭ بىر نەپىرىنىڭ قىرغىزىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر يەتتە كىشى ۋە 9 يېرىم مىليون دوللارنى مالىيە جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە بىرتەرەپ قىلىش ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

نۆۋەتتە ئىستانبۇل بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بۇنداق زور مىقداردىكى نەق پۇلنى تۈركىيەگە ئېلىپ كىرىشتىكى مەقسەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

قىرغىزىستان تەرەپ تۈركىيە مالىيە جىنايەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىدارىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇچۇرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ۋىزىسىز تۈزۈم يولغا قويغان بولۇپ، كۆپ ساندا ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان پۇقراسى تۈركىيىدە تۇرۇپ تىجارەت ۋە باشقا ھەر خىل مېھنەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.