تۈركىيە ساقچىلىرى ئىستانبۇلدىكى رېينو رېستورانىنى قانغا بويىغان تېررورچىنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىدا قالدۇرغان ئىزىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە ئۆزبېك قاتارلىق كۆچمەنلىرى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىن تاكسى بىلەن يولغا چىققانلىقىنى بايقىغان ۋە دەسلەپكى كۈنلەردە زەيتىنبۇرنۇنى مەركەز قىلغان ھالدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان، ئارقىدىن تېررورچىنىڭ ۋەقەدىن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە ئۆي ئىجارىگە ئالغانلىقى ۋە ئۇ يەردە 3 كۆچمەن ئائىلە بىلەن ئالاقىدە بولغانلىقى، بۇ ئۆچ ئائىلىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن كۆچۈپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
تۈرك ساقچىلىرى بۇ ئىزنى قوغلاش جەريانىدا بۈگۈن، 9 نەپىرى ئەر، 11 نەپەر ئايال ۋە 20 بالىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا گۇمانلىق كىشىلەرنى تۇتقان. خەۋەرلەردە نۆۋەتتە تەكشۈرۈلۈۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ شەرقى تۈركىستانلىق ۋە داغىستانلىق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا. ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ يېنىدىن بىرقانچە دۆلەتكە تەۋە بولغان 41 پاسپورت، ئوقدان خالتىسى ۋە دۇربۇن قاتارلىق ئەسلىھەلەر تېپىلغان.
ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە، تېررورچىنىڭ قىرغىزچە، رۇسچە ۋە ئازراق تۈركچە بىلىدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى، يەنە بىر خەۋەردە بولسا، ئۇنىڭ ھۇجۇمدىن كېيىنكى قېچىش سەپىرىدە زەيتىنبۇرنۇدىكى بىر ئۇيغۇر رېستورانىدا ئىشلەۋاتقانلاردىن پۇل ئېلىپ تاكسىچىغا بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. تېررورچىنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ قىرغىز ياكى ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقىغا مەركەزلىشىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى جىددىيلەشتۈرمەكتە.