راندىي شرايۋېرنىڭ ئىستېپا بېرىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.12.12

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى راندىي شرايۋېر 12-دېكابىر كۈنى رەسمىي ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ زور دەرىجىدىكى ھەيرانلىقىغا سەۋەب بولدى.

«چەتئەل سىياسىتى» ژۇرنىلىنىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، راندىي بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئىستراتېگىيەلىك دىققەت مەركىزىنى ئوتتۇرا شەرقتىن خىتايغا بۇراشتا زور رول ئوينىغان بولۇپ، «خىتاي لاچىنى» دەپ نام ئالغان ئىكەن. ياردەمچى مىنىستىر راندىي شرايۋېر بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى خىزمەت تارىخىدا ئومۇمەن ئىجابىي باھالارغا ئېرىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئىلگىرى يەنە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپمۇ ئىشلىگەن ئىكەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنى قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە دەسلەپ بولۇپ ئاشكارا سۆز قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

«مۇداپىئە خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، راندىي شرايۋېرنىڭ ئىستېپا بېرىشى ئاساسلىقى ئۇنىڭ «شەخسىي تۇرمۇشى» سەۋەبلىك بولۇپ، ئۇ ھازىرچە يېڭىدىن قۇرۇپ چىققان ئائىلىسى ئۈچۈن بۇ قارارنى ئالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.