ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دراگى (Mario Draghi) ياساش سانائىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەملەرگە ئائىت تېخنىكا ۋە يۇمشاق دېتالنى خىتايغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قارشى چىققان.
رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئىيۇن بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئىتالىيەنىڭ ماشىنا ئادەم ياسايدىغان روبوكس (Robox)، ئېفورت (Efort) قاتارلىق شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشچىلاردەك ئىشلەيدىغان ماشىنا ئادەملەرنى ياساش تېخنىكىسى ۋە يۇمشاق دېتال كودلىرىنى سېتىۋالماقچى بولغان. نەتىجىدە بۇ شىركەتلەرنىڭ پاي چەكلىرى 40 پىرسەنتتىن 49 پىرسەنتكە ئۆسكەن.
ئەمما مارىيو دراگى ھۆكۈمىتى روبوكس شىركىتىنىڭ بۇ تېخنىكىنى خىتايغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويمىغان. بۇ ھۆكۈمەت 2018-يىلىمۇ خىتايغا ئادەمسىز ئايروپىلان ياساش تېخنىكىسى سېتىپ بەرمەكچى بولغان بىر شىركەتنىڭ پىلانىنى يوققا چىقارغان. 2012-يىلدىن بۇيان ئىتالىيە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ خەتەرلىك مەبلىغىنى 7 قېتىم قايتۇرغان، 6 قېتىملىق رەت قىلىش ئىچىدە 5 قېتىملىقى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى مارىيو دراگى ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئەمەلگە ئاشقان.
ئىتالىيە ھۆكۈمىتى بانكا، ئېنېرگىيە، پوچتا-تېلېگراف، داۋالاش قاتارلىق رىقابەت خاراكتېرىدىكى كەسپىلەرنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، دۆلەت مەنپەئەتىگە خىرىس ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىك سودىنى چەكلەيدىكەن. مارىيو دراگىنىڭ ماشىنا ئادەم تېخنىكىسىنى خىتايغا بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىشى خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغرىلىقى ۋە رايون تەھدىتى پەيدا قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا ئىكەن.