ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەر دائىرىلەر تەرىپىدىن «ئىتتىپاقلىق تامىقى» يېيىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.07.18

ئۈرۈمچى شەھىرىدە دائىرىلەر تەرىپىدىن «ئىتتىپاقلىق تامىقى» يېيىش پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلماقتا ئىكەن.

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تەڭرىتاغ رايونلۇق ھۆكۈمىتى يېقىندا كىچىك قوۋۇق كوچىسىدا مەخسۇس «ئىتتىپاقلىق تامىقى» يېيىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ پائالىيەتكە رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى ۋە شۇنداقلا شۇ ئەتراپتىكى تىجارەت ئورۇنلىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن 15 گۇرۇپپا قاتنىشىپ، ھەممە مىللەتنىڭ ئۆزگىچە تاماقلىرىنى تەييارلاشقان ۋە ھەممىسى بىرلىكتە بۇ ئاتالمىش «ئىتتىپاقلىق» تامىقىغا ئېغىز تەگكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا «ھالال» ياكى «مۇسۇلمانچە» دېگەن سۆزلەرنى يېزىشمۇ «رادىكاللىق ئالامىتى» دەپ قارىلىپ، بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلماقتا. بۇنداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ خىتايلار بىلەن «ئىتتىپاقلىق تامىقى» يېيىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ «ھالال» لىققا دائىر بەلگىلەرنى مەنئى قىلىش تەدبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىغا كېڭەيتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار بىلەن ئورتاق تاماق يەيدىغان ھەرىكەتنى ئوخشىمايدىغان ئۇسۇللاردا ئېلىپ بارماقتا. ئۇيغۇرلار چاغان مەزگىلىدە ئاتالمىش خىتاي تۇغقانلىرى بىلەن جۇۋاۋا يېيىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 2018‏-يىللىق دوكلاتىدا يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرىدىكى بۇ سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2017 ‏-يىلى 4‏-ئايدا چىقارغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» دا يەنە ھالاللىق پەرھىزىگە ئەمەل قىلىش، ياغلىق چىگىش، ساقال قويۇش قاتارلىق 15 خىل خاھىش ھەرىكەت «ئەسەبىيلىك» دەپ بېكىتىلگەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرىدىن قويۇۋېتىلگەن قازاقىستان پۇقراسى ئۆمۈربەك «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە ئاشكارىلىغان ئۇچۇرىدا لاگېردىكىلەرنىڭ جازا ئورنىدا چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، «دىنىي رادىكال» دېگەن قارىلاش بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، بۇلارغا چىدىمىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.