جېيمىس مەكمۇرراي: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە قارشى كۈچلەرنى يېتىلدۈرۈۋاتىدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.10.30

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى جىددىي داۋام قىلىۋاتقاندا بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئەكسىچە بولغان ئۈنۈملەرنى يارىتىۋاتقانلىقى مۇلاھىزە قىلىنماقتا. 30-ئۆكتەبىر كۈنى «كرىستال» تورىدا ئېلان قىلىنغان جېيمىس مەكمۇرراي ئىمزاسىدىكى ماقالىدا مەخسۇس مۇشۇ ھادىسە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە «تېخنىكا مەكتەپلىرى» دەپ ئاتاۋاتقان لاگېرلار ئۇ جايلاردىكى قاماق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا بۇ جايلار مەكتەپكە ئەمەس، بەلكى تۈرمىلەرگە بەكرەك ئوخشايدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىل «مەكتەپ» لەردە «تەربىيىلەش» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنى يۇغۇرى پەللىگە يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنماقتا ئىكەن. ئەمما ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن ئوخشاش مەقسەتتىكى «تەربىيىلەش» نىڭ نەتىجىسى بۇ خىل ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىمالىنىڭ بەكمۇ كىچىكلىكىنى ئىشارە قىلىدىكەن.

ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىككى يىللىق دالا تەكشۈرۈشى جەريانىدا ئۇيغۇر مائارىپىدا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نامىدا يەك تىللىق مائارىپنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولغان. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇر تىلى مائارىپ ساھەسىدە پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. ئەمما خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن ئۇيغۇرلار ھېچقاچان خىتايلارغا ئوخشاش بۇ جايدىكى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇپ باقمىغان. بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان بىردىن-بىر نەتىجە ئۇيغۇرچە بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى ئازىيىشى بولغان. ئەمدىلىكتە بولسا لاگېرلاردىكى «تەربىيىلەش» نىڭ ئاساسلىق شەكلى خىتايچە ئۆگىنىش ۋە سىياسىي جەھەتتىكى «مېڭە يۇيۇش» شەكلىدە داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ھالبۇكى ماقالە ئاپتورى ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆرگەن ئەھۋاللار شۇ بولغانكى، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن بارغانسېرى ئۇزاپ كېتىشىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن. ئەمما ئۆيدە بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىتىش ھازىر بەكمۇ خەتەرلىك بولغاچقا بۇنىڭ ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن. ئەمما بۇ خىل رەۋىشتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇرلار قانداقلا قىلغان بىلەن يەنىلا خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمى بولالمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئايلىنىپ كېلىپ ئاكتىپ ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىدىن بولۇپ قالماقتا ئىكەن. 

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «لاگېرلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ۋەيران قىلىۋېتەلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇرلارنى خىتايغا سادىق قىلالمايدۇ» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.