رۇسىيە جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى ۋيېتنامغا ياردەم بەرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.06.11

8- 9-ئىيۇن كۈنلىرى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى جەريانىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم ئۇچرىشىپ، رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەنلىكىگە قارىماي، رۇسىيەنىڭ يەنىلا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن كەسكىن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ۋيېتنامنىڭ چوڭ تىپتىكى زامانىۋىلاشقان دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، رۇسىيە يەنە ۋىيېتنام ئۈچۈن كۆپ ساندىكى قوغدىغۇچى پاراخوت ياساپ بەرمەكتە شۇنىڭدەك يەنە ۋىيېتنام بىلەن بىرلىشىپ، راكېتالىق تېز يۈرگۈچى پاراخوت ياسىماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ رۇسىيە ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ۋىيېتنام ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان جەنۇبى دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالىشىشى سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ئۆز دېڭىز ئارمىيەسىنى قۇدرەتلەندۈرۈشنى قارار قىلغان ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن.

رۇسىيە ۋېتنامنى «كىلو» ناملىق ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى سۇ ئاستى پاراخوتلىرى بىلەن تەمىنلىگەن.رۇسىيە گەرچە خىتاي بىلەن يېقىن ھەمكارلىقتا بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ ئاۋاز كۈچىنى ھاسىل قىلىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى ئىتتىپاقچىسى ۋېتنامنى تاللاپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش يولى قوللانماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.