خىتايدا بىر تۈركۈم ئەرزدارلار جاۋ زىياڭنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-10-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

17‏-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىن بېيجىڭغا كەلگەن بىر تۈركۈم ئەرزدارلار خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جاۋ زىياڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 94 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.

خاتىرە كۈنىدە جاۋ زىياڭنىڭ بۇرۇن ئولتۇرغان قورۇسى ئالدىغا توپلانغان ئەرزدارلار، شام يېقىپ جاۋ زىياڭغا دۇئا قىلغان.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە جىلىن ۋە خۇبېيدىن كەلگەن بىر قىسىم ئەرزدارلاردىن باشقا يەنە، جاۋ زىياڭنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتداشلىرى ۋە دوستلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار جاۋ زىياڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى جاۋ ئېرجۈن بىلەن كۆرۈشۈپ جاۋ زىياڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشكەن.

شۇ كۈنى يەنە بىر تۈركۈم ئەرزدارلار بىر پويىز ئىستانسىسى ئالدىدا توپلىنىپ جاۋ زىياڭنى خاتىرىلىگەن.

قوللىرىدا لوزۇنكا كۆتۈرۈشكەن بۇ ئەرزدارلار، خىتاي نۆۋەتتىكى دۆلەت رەھبەرلىرىدىن جاۋ زىياڭنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، 1989-يىلىدىكى تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىدە جاۋ زىياڭنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرۇشقا قارشى تۇرغانلىقىدەك ھەقىقەتچىلىكى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت