خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: «‹كەسپىي تەربىيە› دېگىنى يالغان، ئۇ جازا لاگېرلىرى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-10-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئالدىنقى كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا قىلغان سۆزىدە رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ «ھەقسىز كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. بۈگۈن، يەنى17-ئۆكتەبىر كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۆھرەت زاكىرنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قارىتا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر بۇرمىلىشىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان قامىلىپ ياتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى پەردازلىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. باياناتتا ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ ھەرگىزمۇ ‹كەسپىي تەربىيە مەركىزى› ئەمەس، بەلكى جازا لاگېرلىرىدۇر.»

باياناتتا لاگېرلارغا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ لاگېرلاردا ئاچلىق، قېيىن-قىستاق ۋە زورلۇق-زومبۇلۇقلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا كوممۇنىستىك ئىدىيەنىڭ تۇتقۇنلارغا مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. باياناتتا يەنە بۇ ئورۇنلارنى «ھەقسىز كەسپىي تەربىيە مەركىزى» دەپ پەردازلاشنىڭ ئۆزىمۇ شۇ لاگېردا سولىنىپ ياتقان گۇناھسىز تۇتقۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

باياناتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلنى زىيارەت قىلىشى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دىنىي ئەسەبىيلىك» نىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ئەمەلىي مىساللار بىلەن يورۇتۇلغان. باياناتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تاغدەك پاكىتلارغا كۆز يۇمۇش ۋە ئۇنى بۇرمىلىنىپ كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە زادى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت