«دىپلومات» تورى: «خىتاي جازا لاگېرى مەسىلىسىدە ئاق-قارىنى قالايمىقان قىلىۋاتامدۇ؟»

مۇخبىرىمىز سادا
2018.11.09

خەلقئارا تاراتقۇلاردا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش يىغىنىغا قارىتا ئىنكاسلار كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، «دىپلومات» تورىدا «خىتاي جازا لاگېرى مەسىلىسىدە ئاق-قارىنى قالايمىقان قىلىۋاتامدۇ؟» ناملىق بىر مۇھاكىمە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالە «دىپلومات» تورىنىڭ بۈگۈن، يەنى 9-نويابىردىكى سانىغا بېسىلغان. ماقالىدە خىتاينىڭ بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆرۈپ چىقىش يىغىنى مەزگىلىدىكى لاگېرلار ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى تەھلىل قىلىنغان. ماقالە ئاپتورىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» نىڭ قۇرۇلۇشى «رايوندىكى تېررورىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن»، دېگەن سۆزىدە ئىزچىل چىڭ تۇرغان ئىكەن.

ماقالە ئاپتورى خىتاي ۋەكىلى لې يۈچېڭنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا دېگەن سۆزلىرىنىمۇ نەقىل ئالغان. لې يۈچېڭ شىنخۇاغا قىلغان سۆزىدە ئۇ يىغىن مەزگىلىدە دېگەن «بىخەتەرلىك بولمىسا، كىشىلىك ھوقۇق بولمايدۇ»، «تەرەققىيات ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق» دېگەن سۆزلىرىنىڭ يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تەرىپىدىن كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھالبۇكى ماقالىدە لې يۈچېڭنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىغا رەددىيە بېرىلگەن. ماقالىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئۆزى خالاپ بارمىغان ئەھۋال ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ ئورۇنلارنى مەيلى قانداق چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتىسۇن، ئۇ يەنە ئوخشاشلا تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئوخشاش جاي بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالە ئاخىرىدا ئاپتور خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئىسپاتلاش ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇ خىل سىياسەتنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ياكى شۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزى خالاپ تۇتۇلمىغانلىقىنى ھەققىدە، ياكى ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن شۇنداق تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ھەققىدە پاكىت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا بۇ تىپىك «ئاق-قارىنى قالايمىقان قىلىش» ھېسابلىنىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا يەنە خىتايدا چىقىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 9-نويابىر سانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەشقەردىكى تېخنىك تەربىيەلەش مەكتىپىدە زىيارەتتە بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېسىلغان. مەزكۇر خەۋەردە ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدە زىيارەتتە بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيە قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ دۆلەت تىلى، يەنى خىتاي تىلىنى، جىڭجۈ تىياتىرىنى، خىتاي خەتتاتلىقىنى پۇختا ئۆگەنگەنلىكىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.