مايك پومپېيو شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى يىغىنىدا خىتاينى تەنقىدلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 23-ئاپرېل شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا دۇنيا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بىر پەيتتە خىتاينىڭ بۇ ۋەزىيەتنى غەنىيمەت بىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزدا زېمىن كېڭەيمىچىلىكىگە كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پومپېيو بۇ سۆزلەرنى 23-ئاپرېل كۈنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى 10 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ھەققىدىكى ۋىدېيو يىغىنىدا تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭ دىققەتنىڭ چېچىلىشىدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشتىكى ئاراللار ۋە دېڭىز تەۋەلىكلىرىگە قارىتا مەمۇرىي باشقۇرۇشنى بىر تەرەپلىمىلىك ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا بىر ۋىيېتنامنىڭ بېلىقچىلار كېمىسى ۋە ئۇنىڭ فېرىي كروس ۋە سۇبى مارجان ئارىللىرىدىكى تەتقىقات پونكىتلىرىنى چۆكتۈرۈۋەتتى.» ئۇ يەنە خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ، بۇ رايوندىكى ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى ئېچىشىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

مايك پومپېيو بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىكى ئىپادىسىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىنى تەكشۈرۈشكە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. پومپېيو شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا يەنە خىتاينى ياۋايى ھايۋانلار بازىرىنى تاقاشقا چاقىرغان. ئىلگىرى كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى بىر ياۋايى ھايۋانلار بازىرىدىن تارقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت