خىتاي تالاش-تارتىشتىكى ئاراللارغا كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتكەن
2016.02.24
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئارالغا كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئەۋەتكەن.
خىتاينىڭ مەزكۇر تالاش-تارتىشتىكى ئارالغا كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتكەنلىكىنى بىر نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارى سەيشەنبە كۈنى ئېيتقان بولۇپ، خىتاي پاراسىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ پارچىسى بولغان ۋودى ئارىلىغا 10 كۈرەشچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي تەرەپ مەزكۇر ئارالغا يەنە «قىزىل بايراق-9» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋېتىدىغئانلىق ئەندىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
23-فېۋرال كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەتتەجەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىمۇ مۇھىم تېما بولغان ئىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا سوز قىلغان كەررى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر رايوندىكى ھەممە دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېچىش، قۇرۇش ۋە ھەربىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ تالاش-تارتىشتىكى ئارالدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە رادار سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ رايوننى ھەربىيلەتۇرىشىنىڭ روشەنلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدا رادار، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ھەربىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا ئائىت خەۋەرلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوبيېكتىپ، ۋە سوغۇققان بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.









