ۋىيېتنام: «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتى ۋىيېتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا جىددىي ھالدا دەخلى قىلغانلىق»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.02.25

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لې خايبنخ پەيشەنبە كۈنى ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدا بايانات ئېلان قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لې خايبنخ پەيشەنبە كۈنى ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشتىكى ئاراللارنى ھەربىيلەشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ «ۋىيېتنام ۋە شۇنداقلا خەلقئارانىڭ نارازىلىقى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، خىتاي ۋىيېتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا جىددىي دەخلى قىلىدىغان ۋە شۇنداقلا تىنچلىققا، بىخەتەرلىككە ۋە رايوننىڭ ئوچۇقلۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلماقتا» دېگەن.

ئۇ، ۋىيېتنامنىڭ پاراسېل ۋە سېپىراتېل ئاراللىرىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن مەسئۇلىيەت بىلەن ئىش قىلىشقا چاقىرغان.

خىتاينىڭ پاراسېل تاقىم ئاراللىرىدىكى ۋۇدىي ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ھەپتە بېشىدا يەنە، ئۇنىڭ سېپىراتېل ئارىلىنىڭ كۋارتېرون رىف دېگەن قىسمىغا يېڭى رادار ئورناتقانلىقى ۋە شۇنداقلا يەنە پاراسېلدىكى ۋۇدىي ئارىلىغا كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققان ئىدى. بۇ خەۋەرلەر جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىۋاتقان فىلىپپىندىمۇ نامايىشلارغا يول ئاچقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى فىلىپپىننىڭ مانىلا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا يۈزدىن ئوشۇق نامايىشچى نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. بۇ نامايىشنى فىلىپپىنلىقلار بىلەن «فىلىپپىندە تۇرۇشلۇق ۋىيېتناملىق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.