ئامېرىكا ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىزدا باشقۇرىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.03.23

ئامېرىكا تىنچ ئوكيان 7-فىلوتىنىڭ بىر ھۇجۇمچى پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ فىلىپپىن تەۋەلىكىدىكى رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن راست ئوق ئېتىش مەشىقىدە بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن.

ئانالىزچىلار بۇ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىختىلاپتىكى مەزكۇر رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال، دەپ كۆرسەتمەكتە.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مەشىقى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي ھەرىكىتى كۈچەيگەن شۇنداقلا خىتاينىڭ ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى ئامەرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيىسىنىڭ 7-فىلوتى 23-مارت كۈنى ئېلان قىلغان فېيسبۇكتىكى ئۇچۇرىدا «USS Barriy» ناملىق ھۇجۇمچى پاراخوتنىڭ فىلىپپىن دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلگەن راست ئوق ئېتىش ھەربىي مەشىقىدە بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇچۇردا «USS Barriy» نىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، 7-فىلوتنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدىكى ئەڭ چوڭ ھۇجۇمچى پاراخوت ئىسكادرونى بولغان 15-ئىسكاندرونغا ئىشتىراك قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. لېكىن ئۇچۇردا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قويۇپ بېرىلگەن كونكرېت ئورنى، ۋاقتى، مۇساپىسى قاتارلىق تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان.

بۇنىڭ بىر ھەپتە ئالدىدا خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بىر خىتاي ھەربىي مۇتەخەسسىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىغا ئېلىكتروماگنېتىك ۋە لازېر نۇرلۇق قوراللارنى ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە جەنۇبى دېڭىزدىكى مەشىققە ئامېرىكانىڭ «Te’odor Rozwélt» ۋە «USS Amérika»، ناملىق ئىككى ئاۋىياماتكا جەڭ گۇرۇپپىسى قاتناشماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.