ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى: جەنۇبىي دېڭىزدا خىتايغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.05.30

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى گېنېرال جوسېف دانفورد چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر ئىستراتېگىيە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللىرىنى قوراللاندۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك، دېگەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھىرى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گېنېرال جوسېف دانفورد خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئاراللىرىنى ئۆزىنىڭ ھەربىي مۇدداسىغا ماس ھالدا تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، ئەمدى بۇنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىغا يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە: «ئەلۋەتتە مەن قوراللىق تاقابىل تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلمايمەن. مەنچە بۇنى جازالايدىغان، تاقابىل تۇرىدىغان دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەر بار. ئەلۋەتتە باشقا تەدبىرلەر بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئاخباراتلىرى ئالدىنقى كۈنى ئاۋسترالىيە ھەربىي ئايروپىلان پىلوتلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ئاسمىنىدا ئۇچۇش مەشىقى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا نامەلۇم بىر خىل لازېر نۇرىنىڭ راھەتسىز قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ جاۋابكارىنىڭ خىتاينىڭ غەيرىي رەسمىي ھەربىي پاراخوتلىرى دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىكەن.

گېنېرال جوسېف دانفوردنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرى دەل بۇ ۋەقەدىن كېيىنگە توغرا كەلگەن. لېكىن خىتاي تەرەپ گېنېرال جوسېفنىڭ سۆزىگە تېخى ئىنكاس قايتۇرمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.