ئامېرىكا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قانۇنسىز،» دەپ جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.07.14

ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قانۇنسىز،» دەپ جاكارلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 13-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات بەردى. ئۇ باياناتتىكى سۆزىدە: «بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى پۈتۈنلەي قانۇنسىز، ئۇ بۇ مەنبەلەرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن زومىگەرلىك قىلىۋاتىدۇ،» دېگەن.

پومپېيو سۆزىدە يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «دۇنيا بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا خۇددى ئۆزىنىڭ دېڭىز ئىمپېرىيەسىدەك مۇئامىلە قىلىشىغا يول قويمايدۇ. ئامېرىكا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دېڭىز بايلىقلىرى ھەققىدىكى خەلقئارا قانۇنلار بويىچە بېكىتىلگەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 1 مىليون 300 مىڭ كۋادرات ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان ۋە دۇنيادىكى ئىنتايىن مۇھىم دېڭىز يولى بولغان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تامامىنىڭ دېگۈدەك ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مالايسىيا، فىلىپپىن، ۋىيېتنام، برۇنى ۋە تەيۋەن قاتارلىق دەۋاگەر دۆلەت ۋە رايونلارغا قارىتا زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەن، شۇنداقلا ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا سۈنئىي ئاراللارنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى ھەربىيلەشتۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىرغىچە جەنۇبىي دېڭىزغا كۆپ قېتىم ھەربىي پاراخوت ۋە كۆرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق رايوننىڭ خەلقئاراغا ئوچۇقلۇقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى كۈرىشىدىكى مەيدانى ئېنىق بولماي كەلگەن. شۇڭا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى نۇتقى ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي ھالدا ئىپادىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئامېرىكا تەرەپنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.